您现在位置:尉犁县政府网 >> 政务公开>> 政务动态>> 通知公告 >> 正文内容

(维文)自治区党委第九巡视组巡视尉犁县公告

来源:作者:发布日期:2015年08月27日13:08点击数:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىنى كۆزىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 2015- يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە لوپنۇر ناھىيەسىگە قارىتا كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقچى، شۇڭا تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

   بىرىنچى. كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى

(1) لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىش جەھەتتىكى ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش؛

(2) پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش؛

(3) مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 10 ماددىلىق بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش؛

(4) تەشكىلىي ئىنتىزام، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ۋە كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، تەيىنلەش جەھەتتىكى ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش.

 لوپنۇر ناھىيەسىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئاساسەن پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.

   ئىككىنچى. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى

گۇرۇپپا باشلىقى: خوۋ جىدوڭ

مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى: چېن سىدوڭ

ئەزالىرى:    لى مىڭ نېغمەت

            لىياۋ خوڭ

            جاڭ لېي

            زاڭ زىشىياڭ

            ۋېي مېڭ

كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى: لوپنۇر ناھىيە لوپنۇر مېھمانخانىسى

   ئۈچىنچى، پاش قىلىش تېلېفونى، ئورنى، پوچتا خەت ساندۇقى ۋە پىكىر ئېلىش ساندۇقى

پاش قىلىش تېلېغونى: 4026078-0996      17767670701 (تېلېغون قوبۇل قىلىش ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 19:00-10:00)

كۈتۈۋېلىش ئورنى: لوپنۇر ناھىيە لوپنۇر مېھمانخانىسى 3126-نومۇرلۇق ئۆي

پوچتا خەت ساندۇقى: لوپنۇر ناھىيە لوپنۇر مېھمانخانىسى 001-نومۇرلۇق خەت ساندۇقى

پىكىر ئېلىش ساندۇقى: ئايرىم-ئايرىم ھالدا لوپنۇر ناھىيەسى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدى ئىشىكى،  ئۈمىد مەيدانى، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەسىس قىلىندى.

 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى

字体:【收藏】责任编辑:【打印文章】
相关文章
没有相关内容